ئويلاپ باقمىدىم
مەمتىمىن غوپۇر يادىكار (يادىكار)
ئويلاپمۇ باقىمدىم سېنى كىلەر دەپ،
شۇ ئۇزاق يوللاردىن توپا توزۇتۇپ.
خاتىرجەم بولغانمەن شۇنچىلىك بەلكىم،
شۇ كۈنى يار سېنى قويۇپ ئۇزۇتۇپ.
ئويلاپمۇ باقىمدىم سېنى يازار دەپ،
يالغاندىن بولسىمۇ بىرەر مەكتۈپ- خەت.
ئويلىسام ئەلەمدىن شۈركىنەر تېنىم،
بىر ساڭا تارتىشىپ تارتىپ تولا دەرت.
ئويلاپمۇ باقمىدىم سوراپ قالار دەپ،
تونۇشلار ئۇچرىسا مەن توغرۇلۇق گەپ.
مەنمۇ ھەم تاشلىماي ئىزلىمەسمىدىم،
ئەرىزىسەڭ ئەگەردە ئۆتۈشكە ئەسلەپ.
ئويلاپمۇ باقىمدىم سېنى باسار دەپ،
بىر كۈنى باغرىغا كىلىپ ئاھ، مەغرۇر.
شۇ سەۋەپ ئارتۇقچە ئويلاردا بولما،
يوق سەندە مەن كۈتكەن ساداقەت، ھۇزۇر.
|