ئەجەپ يەتتىم قەدرىڭگە ئانا
يىغلاپ تۇرساڭ قۇلۇڭدا پىياز، ئاچچىقى بار ئويلىماپتىمەن. يىمەي ھەتتا ئەتكەن تاماقنى، تەستە ئەتسەڭ ئويلىماپتىمەن.
ھەركۈن سەھەريىگەن تاماقنى، قاچان ئەتتىڭ ئويلىماپتىمەن. تاڭ سەھەردە ئالدىمغا كەلسە، تەستە ئەتسەڭ ئويلىماپتىمەن.
ئانا ئەمدى چۈشەندىم شۇنى، تاماق ئىتىش بەك جاپالىق كەن. خاتالاشتىم كەچۈرگىن مىنى، ئايال بۇلۇش بەك جاپالىق كەن.
پۇت قوللىرىم كەتتى چاراسلاپ، ئىشىلىگەچكە ھەتتاكى ئايلاپ. ياشلار تۆكتىم ئانامنى ئويلاپ، تاماق ئىتىش بەك جاپالىق كەن.
ياراتماپتىم بىر كۈنلەر تېخى، ئۆزلىكىمدىن بوپ قېلىپ سېخى. قان يىغلايدۇ يۈرەكنىڭ بېغى، ئەمدى يەتتىم قەدرىڭگە ئانا.
ئاشپەز بۇلۇپ چۈشەندىم شۈنى، قايناتماق تەس بىرچۆگۈن سۇنى. ئەزىز ئانا كەچۈرگىن مىنى، ئەجەپ يەتتىم قەدرىڭگە ئانا.
قاراقاش ئوغلى:ئابلىز ئالىمجان
2020-5-26
|